شىنخۇا تورى، بېشكەك، 12-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-سېنتەبىر بېشكەكتە ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ شۇنداقلا يەنە رايونلار ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى ساقلاپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى