شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن 17-سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېىرلار ۋە خەلقئارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەپمە بوكس، چەۋەندازلىق، ۋېلسىپىت مىنىش، پۇتبول، چېلىشىش، يېنىك ئاتلېتكا قاتارلىق تۈرلىرىدە ئالتە ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت جۇڭگو «ئۈمىد لوڭقىسى» خەلقئارا ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئوغۇللار U13 گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى ھەمدە كۆپ قېتىم مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە چېمپىيۇن بولدى.
جاڭ چۇنشيەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، كىچىك پۇتبولچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىنى تاۋلاشقا رىغبەتلەندۈردى ھەمدە ئۇلارغا: شىنجاڭنىڭ لوناردولىرىدىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭچە روھنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى ئىلھاملاندۇردى، ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى تەنھەرىكەتچىلەر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ.
جاڭ چۇنشيەن يەنە مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى توختىماستىن ئەۋج ئالدۇرىشىمىز، تىرىشساقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئاندىن ئۆزگەرتەلەيمىز، دېگەن سۆزدە چىڭ تۇرۇپ، «يارايمەن» دېگەن ئاساسىي ئىدىيەنى، «يېڭەلەيمەن» دېگەن ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ۋە «چوقۇم يېڭىمەن» دېگەن روھىي ھالەتنى تۇرغۇزۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقىپ، تەنتەربىيە ۋە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر خىل كەسىپتىكىلەر ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جەڭگىۋار روھنى ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىشتەك غەيرەت، جاسارەتنى ساقلىشى، ئىلغارلىققا ئىنتىلىپ، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىشى، قەتئىي چېكىنمەسلىكى، قەتئىي باش ئەگمەسلىكى كېرەك. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجې، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ۋەن خەيچۈەنلەر كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.