باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئىنىسى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى (1)

2013.10.21 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى، باش ۋەزىر ئابى شېنزونىڭ ئىنىسى ئوبو كىشى 19-ئۆكتەبىر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، ئاتالمىش ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى كۈزلۈك تاۋاپ مەزگىلىدە بۇ يەرنى تاۋاپ قىلغان ئابى شېنزونىڭ يەنە بىر يېقىن ئادىمى بولۇپ قالدى.

  ئوبو كىشى 19-ئۆكتەبىر مەن ئاۋام پالاتا ئەزاسىلىق سالاھىيىتىم بىلەن ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدىم دېدى. ئۇ ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئابى شېنزو بىلەن تاۋاپ ئىشىنى مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، مېنىڭ تاۋاپ قىلىشىم ياپونىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېدى.

  ئوبو كىشى-ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، بۇ يىل 30-سېنتەبىر ئابى شېنزو ئۇنى مۇئاۋىن دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەن. ئۇ-ئابى شېنزونىڭ ئۆز ئىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاكىلىق قولىنى سۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

  ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە خوجىلىق مىنىستىرى شىندو يوشىتاكا ۋە پارلامېنتنىڭ 160 چە ئەزاسى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. سىياسىي تەھلىلچىلار ياپونىيە سىياسىي مۇنبىرىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى دەپ قارىدى.

  ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى توكيونىڭ چىيودا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، توجو خېدىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك 14 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان. ئۇزۇندىن بۇيان، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار، پارلامېنت ئەزالىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو، كورىيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر