- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىۋاسىنگېر ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، 2016-يىلىدىكى چوڭ سايلام ئۈچۈن ئاساس يارىتىشقا تىرىشماقتا
2013.10.21 18:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ 18-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خەۋەرلەردە گۇمپا ماھىرى، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سابىق باشلىقى شىۋاسىنگېر ئۆزىنىڭ 2016-يىلى ئامېرىكا زوڭتوڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا، دېيىلگەن.
شىۋاسىنگېر ئاۋسترىيەدە تۇغۇلغان، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، چەتئەلدە تۇغۇلغان پۇقرانىڭ زوڭتوڭ بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. شىۋاسىنگېر 1983-يىلى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كۈرگۈزۈدىغان ھەرقانداق لايىھە چوقۇم ئىككى پالاتادىكى 3تىن 2 قىسىم پالاتا ئەزاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر