باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: دۆلەت خادىملىرى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاياغ ئاستى قىلسا قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ

2013.08.30 18:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ئېرمېي بۈگۈن (29-چېسىلا) ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن نارەسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش، قورامىغا يەتمىگەن قىزلارنى نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن جىنايىي قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىشنى، بولۇپمۇ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ۋەسىيلىك قىلىش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە ۋەزىپىسى بار خادىملار ۋە دۆلەت خادىملىرىدىن قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلىرىغا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كىرىپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىرىغا، شۇنىڭدەك جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش تارىخى بار ئادەتلەنگەن جىنايەتچىلەرگە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە قانۇن بويىچە قەتئىي ئېغىرلىتىپ جازا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى

ئالاقىدار خەۋەرلەر