ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 9-نۆۋەتلىك كانادا ‹‹ ھەرە ساقال›› مۇسابىقىسى ئونتارىئو كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىنىڭ پىرىنسىپى: مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى نۇرغۇنلىغان ھەرىنى يۈزىگە ۋە بەدىنىگە قونۇشقا جەلپ قىلىدىكەن، كىمنىڭ بەدىنىگە قونغان ھەرە سانى كۆپ بولسا شۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان بولىدىكەن. مۇسابىقىنى باھالىغۇچىلار ھەرىنىڭ سانىدىن باشقا يەنە، ساقالنىڭ شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىمۇ ئۆلچەم قىلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ‹‹ ھەرە ساقال›› مۇسابىقىسى نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى جەلپ قىلغان. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىچىدە ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن. ھەرە باققۇچىلار ئانا ھەرە شىرنىسىنى ماھىرلارنىڭ يۈزىگە ‹‹ ساقال ›› شەكلىدە سۈرۈپ قويۇپ، ھەرىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن. ئادەتتە ھەر بىر ماھىرنىڭ يۈزىگە تەخمىنەن 13 مىڭدىن 16 مىڭغىچە ھەرە قونۇپ، ئالاھىدە قويۇق ‹‹ ساقال›› نى ھاسىل قىلىدىكەن.