باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لەنجۇ شەھىرىدە 84 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

2013.08.12 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لەنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە: مەركەز «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»نى چۈشۈرگەندىن بۇيان، لەنجۇ شەھىرىدە جەمئىي 84 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن، ئالتە كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

  مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سى چىققاندىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېت «قوش 10 تۈرلۈك بەلگىلىمە»، لەنجۇ شەھەرلىك پارتىكوم «14 تۈرلۈك بەلگىلىمە» چىقىرىپ، ماسلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. لەنجۇ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىگۇرۇپپىلىرى ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مەخسۇس تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەيدەكچىلىك تەكشۈرۈش، ئاشكارا تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، لەنجۇدىكى ھەرقايسى ناھىيە، رايون، ھەرقايسى تارماق، ئىدارىلاردا ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆپ قېتىم ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىپ تەكشۈردى. ھازىرغىچە، لەنجۇدىكى بارلىق شەھەردە جەمئىي 84 كىشى مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى، لەنجۇ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، قالغانلىرىغا ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي گۇناھ يېزىش، مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن توختىلىپ تەكشۈرۈش، ھازىرقى ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش قاتارلىق جازالار بېرىلدى.

  لەنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارمىقى مۇنداق دېدى: مەركەز، ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى ھەر تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلار خىزمىتى ئىستىلىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، لەنجۇ شەھىرىدە يىغىن ئېچىلىش قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 تۆۋەنلەپ، يىغىنغا كەتكەن ھەق 9 مىليون 470 مىڭ يۈەن كېمەيدى، چىقىمنى تېجەش نىسبىتى %31.74 كە يەتتى؛ شەھەر دەرىجىلىك «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئىشلىتىش» ھەققى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىليون 160 مىڭ يۈەن كېمىيىپ، چىقىمنى تېجەش نىسبىتى %25.33 كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل