- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەركىن ئىمىرباقى دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەكلىپ-پىكىر سورىدى
2013.08.13 10:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامۇدۇن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تورى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن تەكلىپ-پىكىر ئالدى.
ھامۇدۇن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى