باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە مەركەزلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 1213 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى

2013.08.12 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، بېيجىڭ، خېبېي، شاڭخەي قاتارلىق 20دىن ئارتۇق جايدىكى ج خ تارماقلىرى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە مەركەزلىك زەربە بەرگەن.

  ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 1213 جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان «كاتتىباش» 8 نەپەر، كۆپ مىقداردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى ئىگىلەپ سېتىش ئارقىلىق پايدا ئالغان «ۋاسىتىچى سودىگەر» 235 نەپەر، قانۇنسىز تەكشۈرۈش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا چېتىشلىق گۇماندار 970 نەپەر بولۇپ، قانۇنسىز يول ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ جىنايەت سادىر قىلغان شايكىدىن 468ى تارمار قىلىنغان، پاش قىلىنغان ھەرخىل جىنايى ئىشلار دېلوسى 1327گە يېتىپ، پۇقرالارنىڭ 700 مىليوندىن ئارتۇق ئوغرىلانغان ھەرخىل ئۇچۇرلىرى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن. (بەي ياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل