خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاۋغۇستتىن 12-ئاۋغۇستقىچە، گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى نەنخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز رايونىدا «جەنجيەن-2013» راست ئوقلۇق تاكتېكا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى، «دۈشمەن قوشۇنى»نىڭ ھاۋادىكى ھەرىكىتى تەقلىد قىلىنىپ، رازۋېتكا قىلىپ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ھاۋا-قۇرۇقلۇقتا تىركىشىشتەك ھاۋا مۇداپىئە جەڭ تۈرلىرى نۇقتىلىق مەشىق قىلىنىپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدا ئوت كۈچى ئىنكاسى ۋە ئونىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارى سىنالدى.