باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش يېڭى سىستېمىسى پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇلدى

2013.08.02 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ھەر كۈنى مەكتەپكە بارغاندا ۋە قايتقاندا، «يۈك يەڭگىللەتكۈچى مەكتەپ مۇدىرى» دەپ نام ئالغان شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى مائارىپ ئىنىستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ رېنلى دائىم مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئائىلە باشلىقلىرىدىن بالىلارنىڭ دەرسىنىڭ كۆپ ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. يېقىندا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ «2012-يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سۈپىتىنى باھالاش يېشىل كۆرسەتكۈچى»نىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، ئۇلار مەكتىپى نەتىجىسى ياخشى، تاپشۇرۇق ئاز، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇش قاتارلىق نەتىجىلەر بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە، شاڭخەي شەھىرىدە «سۈپىتى يۇقىرى، يۈكى يەڭگىل» مەكتەپلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

  2011-يىلى، شاڭخەي شەھىرى ئوقۇش ئىپادىسى، تەن ساغلاملىقى، ئەدەب-ئەخلاقى قاتارلىق 3 خىل ئۆلچەم بويىچە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سۈپىتىنى باھالاش يېشىل كۆرسەتكۈچى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى، ئۆگىنىش ئىنتىلىشى، ئۆگىنىش يۈكى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى، ئەدەب-ئەخلاق قىلمىشى، تەن ساغلاملىقى قاتارلىق 10 تەرەپتىن باھالاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، بۇ خىل باھالاش «شەھەرلىك ئۆلچەم»دىن «دۆلەتلىك ئۆلچەم»گە ئۆزگەرتىلدى. 2013-يىل 3-ئىيۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «يېشىل باھالاش»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. شۇندىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئۇزۇن يىل يولغا قويغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىكى «قوماندانلىق دەستىكى» ئاخىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش رەسمىي «يېشىل دەۋر»گە قەدەم قويدى. (دۇ فېيجىن، ۋېن خۇڭيەن، جاڭ يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل