باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئۆز پۇقرالىرىغا لىۋانغا ساياھەتكە چىقماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2013.08.12 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى لىۋانغا ساياھەتكە چىقماسلىقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتە لىۋاندا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تېزدىن قايتىپ كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسى شۇ كۈنى لىۋاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئارقىدىن، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى لىۋان قارانچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مىكات بىلەن تېلېفونلىشىپ، لىۋان ھۆكۈمىتىدىن تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تېزدىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىغان، بىراق ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان لىۋانلىقلار قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، تۈركىيەلىك بۇ ئىككى ئۇچقۇچىنى ئاندىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل