باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون خەلقئارا جەمئىيەتكە ياشلارنىڭ كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.08.13 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 – ئاۋغۇست ‹‹خەلقئارا ياشلار كۈنى››. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى ‹‹خەلقئارا ياشلار كۈنى›› توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياشلارنىڭ كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ‹‹خەلقئارا ياشلار كۈنى››نىڭ مۇھىم تېمىسى ياشلار كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىگە نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىش. ھەر يىلى دۇنيادا تەخمىنەن 214 مىليون كىشى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ بارىدۇ، بۇلارنىڭ %10تىن كۆپرەكى ياشلار، لېكىن، نۇرغۇن كىشى ئۇلارنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىك كەچمىشلىرىنى بىلمەيدۇ، دېدى.

  ب د ت: 15 – 24 ياشقىچە بولغانلارنى ياشلار، دەپ قارايدۇ. ھازىر دۇنيادا جەمئىي 1 مىليارد 200 مىليون ياش بار، ئۇلار دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %18ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ب د ت 1999 – يىل 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىكى يىغىندا قارار ماقۇللاپ، 12 – ئاۋغۇستنى ‹‹خەلقئارا ياشلار كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل