خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو ــ قىرغىزىستان مەسئۇل ئورگان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ «چېگرا مۇداپىئە بىرلەشمە ئىرادىسى ــ 2013» تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى جۇڭگو ــ قىرغىزىستان چېگرا رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونلىرى تېررورلۇققا قارشى ئاپپاراتلار كېڭىشى 22- قېتىملىق يىغىنىنىڭ 310- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، جۇڭگو ــ قىرغىزىستان مەسئۇل ئورگان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇنجى بىرلەشمە مانېۋىر.
مانېۋىر ئۆي ئىچى پەرەز مانېۋىرى ۋە ئەمەلىي مانىۋېر ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 1075 نەپەر مانېۋىرغا قاتناشتى. جۇڭگو ــ قىرغىزىستان مەسئۇل ئورگان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، بىرلىكتە قارار قىلىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇللىرى، ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ قورشاپ يوقىتىش جەڭ تاكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار نوقتىلىق مانېۋىر قىلىندى.