- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى ئۇدا 17 كۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھ سىگنالىنى ئېلان قىلدى
2013.08.12 16:06 مەنبە: خەلق تورى
يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رايونلار 12-چېسلادىن باشلاپ ئازلايدىكەن
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن سائەت 15كىچە، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىن جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسىملىرىغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلاردىكى 22 ئۆلكە (رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-چېسلادىن باشلاپ، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ℃37 ۋە ℃40تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رايونلار ئازلايدىكەن. (مۇخبىر ليۇ يى) (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل