باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى (1)

2013.08.01 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈچلەردىن ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىش- خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور تەدبىر، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجغا يېتەكلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش، ئىسلاھات پايدىسىنى كۆپەيتىش، جەمئىيەت ئوبدان قىلالايدىغانلىكى ئىشلار بولسا، ئىمكان قەدەر جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى ياخشىلايدىغان بىرىكمە كۈچنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بەزى ساھەلەردىكى ئاممىۋىي مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاجىز ھالقىلارنى نۇقتىلىق ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش كېرەك. ھەم ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، ھەم بازارنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل