باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 1-ئاۋغۇست ھارپىسىدا بېيجىڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت تەكشۈردى(1)

2013.08.01 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەربىي رايون قىسىملىرىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپە ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 29-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ماشىنا بىلەن بېيجىڭ ھەربىي رايونىغا بېرىپ، ھەربىي رايون ئورگانلىرىنىڭ پولكتىن يۇقىرى كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ھەربىي رايون مەلۇم خەۋەرلىشىش پولكى 6-روتىسىنىڭ شەرەپ ئۆيىنى كۆردى، روتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرى تەييارلىغان تېز تېمپا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى. روتا سەنئەت ئۆيىدە، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قەغەز قىيما، ھۆسنخەت، رەسىم ۋە قىستۇرما رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قېشىدا توختاپ تەپسىلىي كۆردى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئىجاد قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، مېنىڭ ئارزۇيۇم» تېمىسىدىكى قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆرسەتكەن سەنئەت ماھارىتى ۋە ياشلىق ھاياتىي كۈچىدىن خۇرسەن بولدى، كۆپچىلىكنى ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش سەھنىسىنى قەدىرلەپ، كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئۆزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەربىي رايون قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇرۇلۇش تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ ھەربىي رايونى پايتەخت ھەربىي رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇغراپىيەلىك رولى، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىسى، تۇرغان مۇھىتى ئالاھىدە بولۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، مۇتلەق سادىق، ئىشەنچلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى، قىسىمنىڭ ئەمەلىي كۈرەش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل