- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چېگرا سىرتىغا چىققان ساياھەتچىلەر جۇڭگو ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
2013.08.12 17:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە جۇڭگودىن كورېيەگە ساياھەتكە بارغان ئادەم 2 مىلىيون 330مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، ياپونىيەدىن ئېشىپ، كورېيەگە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى. ۋېزا ئۆلچىمىنىڭ يەنىمۇ كەڭرى بولۇشى، جۇڭگو-كورېيە ئاۋىئاتسىيە لېنىيەسىنىڭ كۆپەيتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تەسىرىدە، كورېيەگە ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر كۈنسايىن كۆپەيدى. ئۆتكەن يىلى تايلاندقا ساياھەتكە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچى 2 مىلىيون 780مىڭ ئادەم/ قېتىمغا يەتكەن، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تايلاندقا ساياھەتكە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر 2 مىلىيون 270مىڭ ئادەم/ قېتىمغا يەتتى. شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىy تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بەزى مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى شۇ يەردىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى