خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست «جياۋلوڭ» ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى شەرقىي-شىمالىي تېنچ ئوكيانغا جايلاشقان جۇڭگو كۆپ خىل مېتال قېتىشمىسى قېدىرىپ تەكشۈرۈش توختام رايونىدا 3-قېتىملىق سۇ ئاستى مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە، كۆپ خىل دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچىدى ۋە تۇتۇپ چىقتى.