- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئافغانىستاندا يوقاپ كەتكەن جۇڭگولۇق بىر پۇقرانىڭ يەنىلا ئىز دېرىگى بولمىدى
2013.08.12 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 10-ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن جۇڭگولۇق يەنە بىر كىشىنىڭ ئىز-دېرىگىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرۈشتۈرىۋاتقانلىقىنى، بىراق ھازىرغىچە ئېنىق خەۋەر يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەلچىخانا تەرەپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا 8-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە، يوقاپ كەتكەن ئىككى جۇڭگولۇق ئەر بولۇپ، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ بىرسى خەتەردىن مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا قۇتۇلدى. ئەلچىخانا ئافغانىستان ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، ساقچى تەرەپ يوقاپ كەتكەن يەنە بىر جۇڭگولۇق پۇقرانى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىمەكتىكەن. بىراق ھازىرغىچە ئىز-دېرىگى بولمىغان. نۆۋەتتە قازا قىلغان جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ سانى ئۈچكە يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل