جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 3-ئاۋغۇست خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 3-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 3-ئاۋغۇست خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاخبارات خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ ، مەسئۇلىيەتچانلىق ، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك . توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ، خىزمەت ئىستىلى ۋە يېزىقچىلىق ئىستىلىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك .
‹‹خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتى ›› 1983-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ گېزىت نامىنى يېزىپ بەرگەن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان گېزىتى . 3-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يۈ جېڭشېڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتخانىسىغا كېلىپ ، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدىن ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئاخبارات-تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، ‹‹ خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتى ›› نى ئوبدان چىقىرىش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى .
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ چىڭلى قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى .