شى جىنپىڭ پەرمان جاكارلىدى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئالىي ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 31-ئىيۇل بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» سارىيىدا گېنېراللىق ئۇنۋانى بېرىش داغدۇغىلىق مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن يولداشلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
بۇ قېتىم باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ چاڭدې، باش قورال-ياراغ بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ خۇڭياۋ، ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسىنىڭ كومىسسارى سۈن سىجىڭ، بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ كومىسسارى ليۇ فۇليەن، نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سەي يىڭتىڭ، گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى شۈ فېنلىن قاتارلىق 6 نەپەر ئالىي ئوفىتسېر گېنېراللىقا ئۆستۈرۈلدى. (لى شۈەنلياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى