- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تيەن ۋېن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى
2013.08.01 17:46 مەنبە: خەلق تورى
|
تيەن ۋېن |
خەلق تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ھەر تۈرلۈك يىغىن كۈن تەرتىپلىرىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا تيەن ۋېن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.
يولداش تيەن ۋېننىڭ تەرجىمھالى:
تيەن ۋېن، ئايال، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قۇمۇللۇق، 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1983-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلار ئىنىستىتۇتى خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن. مەركىزىي پارتىيە مەكتەپ ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، پروفىسسور.
1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي تەربىيە كەسپىدە ئوقىغان.
1983-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزىم-لېنىنىزىم بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي تەربىيە فاكۇلتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن.
1994-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى سىياسىي تەربىيە فاكۇلتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن.
1998-يىلى 2-ئايدىن 2003-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ( 2000-يىلى 2-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت ئالىي مائارىپ مەمۇرىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان؛ 2000-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ۋىلايەت-نازارەت سىنىپىدا ئوقۇغان).
2003-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
2005-يىلى 12-ئايدىن 2009-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازارەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ( 2005-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا؛ 2006-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلار ئىنىستىتۇتى خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان).
2009-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، مۇئاۋىن نازارەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن (2013يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئوتتۇرا ياش-ياش كادىرلار كۇرسى بىرىنچى سىنىپىدا ئوقۇغان) .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 8- نۆۋەتلىك پارتكوم ئەزاسى، ئاپتونوم رايون 8-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايون 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى
ئالاقىدار خەۋەرلەر