خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى ئەنياڭ ناھىيىسى چۈگوۋ بازىرى ئەنلىن يول بۆلىكىدە، 11 ياشلىق قىزچاق لىق يۈك بېسىلغان 40 توننا ئېغىرلىقتىكى پرىتسېپنىڭ چاقى ئاستىدا قېلىپ، ھاياتى خەۋپتە قالدى. ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قىزچاق ھۆڭرەپ يىغلىماستىن، چاچلىرىنى ئارقىسىغا تاراپ تۇرۇپ «تاغا، مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ» دېدى.