- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى تاشيول قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 540 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى
2013.08.12 16:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2013-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتناش ترانسپورت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنى يېڭى باسقۇچتىكى قاتناشتا نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، جەمئىي 495 يېزا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلاشتۇردى، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 3477 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 1 مىليارد 540 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، مەبلەغ سوممىسى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %50 تىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلىدى، يېزىلارغا تۇتىشىدىغان %90 ماي يولى قۇرۇلۇش تۈرى يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ. بۇرۇن ئاتۇشنىڭ باغ سۆگەت كەنتىدىن قاراجۈل يېزىسىغا ئاتلىق بىر يېرىم سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يول راۋانلىشىپ، بۇ يولغا پەقەت 20 مىنۇتلا كېتىدىغان بولدى. باغ سۆگەت كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك موتسىكىلىت سېتىۋالدى.
چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىش ئويى تاشيولنىڭ راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. باغ سۆگەت كەنتىدىكى چارۋىچى ھەسەن سايىت مۇنداق دېدى: بۇ يىل قوي سېتىپ ئالتە مىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدۇ، يەنە خوتۇنۇم بىلەن پاختا، مۇچ تەرگىلى بارسام، يەنە يەتتە مىڭ يۈەن تاپالايمەن.
يول راۋانلاشتى، قاراجۈل يېزىسىدىكى داڭقى چىققان ساياھەت مەنزىرىگاھى تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. غەلىتە مەجنۇنتال ئورمانزارىنى تاماشا قىلىدىغان، قوي گۆشى يەپ، شۇ يەرلىك قىرغىزلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ئۆگىنىدىغان ساياھەتچىلەر شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىغا زور نەپ ئېلىپ كەلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل