باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز كېلەر يىلى داۋاملىق ئادەتتىكى خاراكتېرلىك چىقىمنى قىسقارتىدۇ

2013.08.12 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا 2014-يىللىق مەركەز تارماقلىرىنىڭ خام چوت شتاتى ۋە يەرلىك خام چوت شتاتى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلاپ، مەركەز تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن داۋاملىق تېجەشچان بولۇپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، 2013-يىللىق قىسقارتىلغان چىقىمدىن كېيىنكى كۆلەمنى ئاساس قىلىپ، كېلەر يىلى داۋاملىق چىقىمنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، شتاتلىق خام چوتنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇدا نەچچە يىل مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى خام چوتىنى قىسقارتىلغان ئاساسىدا، سىياسەتنى تەڭشەش ۋە تۈزۈلمە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق 2013-يىللىق ئادەتتىكى خاراكتېرلىك چىقىمنى يەنىمۇ تىرىشىپ قىسقارتىپ، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچان تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئورگانلارنىڭ نورمال ئايلىنىشى، مۇھىم نۇقتىلىق چىقىم ۋە خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى خاراكتېرلىك چىقىمنى %5 لىك نىسبەت بويىچە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە: پۈتۈن يىلدا قىسقارتىلىدىغان مەركەز مالىيە چىقىمى 20 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.

  قىسقارتىش مۇھىم نۇقتىسى كەڭ ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە يىغىن راسخوتى، تەربىيەلەش راسخوتى، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش راسخوتى، كاماندىروپكا راسخوتى، ئورگان ئىدارىلەر ئىش بېجىرىش بىناسى ۋە كەسپىي ئىمارەت قۇرۇلۇش چىقىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ «ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بىنا، خانا، سارايلارنى يېڭىدىن سالماسلىق، مالىيە جەھەتتىن بېقىلىدىغان كىشىلەرنى كېمەيتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە چىقىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئازايتىش»قا ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيە مىنىستىرلىقى يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئادەتتىكى خاراكتېرلىك چىقىمنى قىسقارتىشقا دەۋەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن مەركەزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈپ، قاتتىق كونتىرول قىلىپ ۋە ئاۋۋال ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بىنا، خانا، سارايلارنى يېڭى سېلىش، يېڭىلاش، مالىيە جەھەتتىن بېقىلىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىش، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى شۇنداقلا باشقا ئادەتتىكى خاراكتېرلىك تۈر چىقىمىغا چېتىلىدىغان راسخوتلارنى ئالدىن تەڭشەپ كېمەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر