خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرىنىڭ دابوز كەنتىدىكى دېھقان توختى راخمان يېڭى قۇرۇلغان خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە قۇياش ئېنىرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇ ئورناتماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى كۇچا ناھىيەسى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى 7820 ئائىلىلىك بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 377 مىليۇن 940 مىڭ يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم مەبلىغى 109 مىليۇن 480 مىڭ يۈەن، نىڭبو شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياردەم مەبلىغى 78 مىليۇن 200 مىڭ يۈەن، يەرلىك ئۆزى چىقارغان مەبلەغ 190 مىليۇن 260 مىڭ يۈەن بولغان.
ھازىرغىچە قۇرۇلۇش %100 تاماملانغان بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار خۇشال-خورام ھالدا يېڭى ئۆيلىرىنى بېزىشىپ، قۇربان ھېيتتىن بۇرۇن كۆچۈپ كىرىشكە تىرىشماقتا.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھەبىبە ئىسمايىل
مەنبە: خەلق تورى