خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا گۈللۈك ياسالماقتا. ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى بېيجىڭ دۆلەت بايرىمىلىق گۈللۈكنىڭ « كۆلەمنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تېجەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇشقا يېقىنلىشىش» تەك گۈل-گىياھ ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپىنى بەلگىلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق گۈللۈكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك «ئورۇق»لىتىلپ، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرق، غەرب تەرىپىدىكى يول بويىغا ۋە تيەنئەنمېننىڭ ئىككى يېقىغا گۈل-گىياھلار قويۇلمايدىغان بولدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىمۇ پرىنسىپ بويىچە گۈل-گىياھلار قويۇلمايدىغان، بايرام ئاددى-ساددا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەمۇرىي چىقىم ئازايتىلىدىغان بولدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر