باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بېيجىڭ، چىڭخۇا، فۇدەن قاتارلىق ئىچكىرىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى 200 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە كىردى

2013.09.12 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئالىي مائارىپ تەتقىقات ئاپپاراتى «QS» 10-چېسلا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەرتىپ تېزىملىكىدە، ئامېرىكا ماسساچۇستېس سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت 200 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىرگەن.

  ئالدىنقى ئون ئورۇنغا ئامېرىكىدىكى ئالتە، ئەنگلىيەدىكى تۆت ئۇنىۋېرسىتېت تىزىلغان.

  جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى دۇنيادىكى 200 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىرگەن مەكتەپلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (46-ئورۇندا)، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (48-ئورۇندا)، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى (88-ئورۇندا)، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى (123-ئورۇندا)، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (165-ئورۇندا)، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (174-ئورۇندا) ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (175-ئورۇندا).

  بۇ يىل 70تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 800دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى سېلىشتۇرۇپ باھالاشقا قاتناشقان. بۇ تېزىملىكتىكى رەت باھا ئۆلچىمى مەكتەپنىڭ ئىلم ئابرۇيى، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى، ئىلمىي ماقالە، ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار تەركىبى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلم ئابرۇيى مەكتەپتىكى ئىلىم خادىملىرىنى يازما تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي نومۇرنىڭ %40تىنى ئىگىلەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر