باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2013.09.23 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى 22-چېسلا سائەت 18دە ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا غەربتىن شەرققە قارىتا بوران چىقىش، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەش، ھۆل-يېغىن يېغىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا قۇم بوران چىقىدىكەن.

  كەلگۈسى 24 سائەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرى، شەرقىي شىمالنىڭ كۆپ قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخەي رايونىنىڭ شىمالى، غەربىي شىمال رايونى قاتارلىق جايلاردا تېمپىراتۇرا 4~8 گىرادۇس، قىسمەن رايونلاردا 10~12 گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن، مەزكۇر رايونلاردا يەنە 4~6 بال شامال چىقىدىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  ليۇ يى خەۋىرى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر