باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى تاماكا تاشلىتىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ باقماپتۇ

2013.09.23 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئۈنۈملۈك تاماكا تاشلاتقۇزۇش دورىلىرىنى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى 22-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا ۋە ساغلاملىق ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شياۋ دەن مۇنداق دېدى: تاماكا تاشلاش تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى.

  دۇنيا چوڭلار تاماكا تەكشۈرۈشىنىڭ جۇڭگوغا ئائىت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى بەڭگىلەرنىڭ 36.4 پىرسەنتى ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە تاماكا تاشلىماقچى بولغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ٪91.8 تاماكا تاشلىتىش مۇلازىمىدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان. بۇ ئېلىمىزدىكى بەڭگىلەرنىڭ تاماكا تاشلاتقۇزۇش ھەققىدىكى داۋالاشقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولۇق بولماسلىقى، تاماكا تاشلىتىش دورىلىرىنىڭ ئازلىقى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانىكەن.

  شياۋ تۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: تاماكا تاشلىتىش دورىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئاتچوت قىلىش ئارقىلىق بەڭگىلەرنىڭ تاماكا تاشلىتىش ئۈچۈن داۋالىنىشىنى ۋە تاماكا تاشلاشنى سىناپ بېقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  ۋاڭ جۈنپىڭ خەۋىرى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر