باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كەچۈرۈم جاۋابكارلىق خېتى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى

2013.09.16 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەكتەپ بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ياتاق مەدەنىيىتى بەلگىلىمىسى بولۇپ، «سەمىمىي ئەسكەرتىش» رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتىتۈنۆگۈن، دۇڭگۇەن سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى شەھەر ئىنىستىتۇتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان بەش مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىغا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى مەكتەپ بىلەن «ئوقۇغۇچىلارنى ئىدارە قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپچان بولۇش كېلىشىمنامىسى»نى تۈزۈش بولدى. كېلىشىمنامىدە «مەزكۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش، ئۆزىنى يارىلاندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان جاۋابكارلىققا ئۆزى ئىگە بولىدۇ» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى،

  مەكتەپكە كىرىشتە ئاۋال كېلىشىمنامە تاپشۇرۇش
  بىر ئاي ئىلگىرى، چاۋجوۋلۇق ئوقۇغۇچى لىجۈن قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە ئەۋەتىلگەن «ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپچان بولۇش كېلىشىمنامىسى»نى كۆرگەن. كېلىشىمنامىنىڭ 3-باب 27-ماددىسىدا ئوقۇغۇچىلار جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان بەش تۈرلۈك ماددا كۆرسىتىلگەن، بەشىنچى ماددىدا، ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ياكى يارىلاندۇرغاندىن كېيىنكى ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ــ دېيىلگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر