باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى يۈزلىگەن شەھەرلەر «ماشىنىسىز كۈن» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

2013.09.23 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى «دۇنيا ماشىنىسىز كۈنى». تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 153 شەھەر «ماشىنىسىز كۈن» پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن بۇيانقى قاتناشقان شەھەرئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەن. بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «يېشىل قاتناش. ساپ ھاۋا» ئىكەن.

  «ماشىنىسىز كۈن»قاتناش «ئەڭ بېسىق كۈن» گە توغرا كېلىپ قالدى

  9-ئاينىڭ بېشىدىلا، بېيجىڭ قاتناش تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزى تاۋۇز چاغىنىلىق دەپ ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى ماشىنا نومۇرىغا چەك قويۇلمايدىغان يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن، 22-چېسلا قاتناش «ئەڭ بېسىق ئاي»دىكى 9 «ئەڭ بېسىق كۈن»نىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەنىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەتىگەنلىك قاتناش ئەڭ بېسىق مەزگىلىدە قاتناش كۆرسەتكۈچى 8.2 گە يەتكەن، كەچلىك قاتناش ئەڭ بېسىق مەزگىلدە يەنى سائەت 18 دىن 25 مېنۇت ئۆتكەندە، قىسمەن رايونلارنىڭ قاتناش كۆرسەتكۈچى ھەتتا 9.0 غىچە يېتىپ، قاتناش كۆرسەتكۈچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەنى «ئېغىر توسۇلۇش» دەرىجىسگە يەتكەن.

  مەملىكىتىمىز 2007-يىلى «دۇنيا ماشىنىسىز كۈنى»گە قاتناشقاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 7 نۆۋەت ئۆتكۈزدى. گەرچە قاتناش ئەڭ ئەڭ بېسىق بولىدىغان كۈنگە توغرا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەر ئىختىيارىي ئىشتىراك قىلىدىغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  (خەلق گېزىتى چەت ئەل نۇسخىسىنىڭ مۇخبىرى ليۇ شاۋخۇا خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر