باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل چوڭ سايلام ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى

2013.09.23 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 21-سېنتەبىر، گېرمانىيە بېرلىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ئېلان سۈرىتى قەستەن بۇزۇۋېتىلدى. گېرمانىيە چوڭ سايلىمى 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.

  گېرمانىيە چوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ھازىرقى باش مىنىستىر مېركىل رىقابەتچىسى «گېرمانىيەنىڭ باشقا تاللىشى» پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ ياۋرو مەسىلىسىدە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سايلامدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە، گېرمانىيەدە يېڭىدىن پەيدا بولغان ياۋروغا قارشى سىياسىي پارتىيە «گېرمانىيەنىڭ باشقا تاللىشى» %5 گە يېقىن قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن. بۇ پارتىيە ئەگەر چوڭ سايلامدا مۇشۇنداق كۆپ سايلام بېلىتىگە ئېرىشسە، فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا كىرەلىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولغاندا مېركىلنىڭ خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلماقچى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئېرىشىدىغان سايلام بېلىتى ئازلاپ كېتىدۇ. «گېرمانىيەنىڭ باشقا تاللىشى» پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى، گېرمانىيەنىڭ داۋاملىق ياۋرو ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە جەنۇبىي ياۋروپادىكى قەرزدار دۆلەتلەرنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش.

  سايلام جېڭى ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، مېركىل 21-سېنتەبىر بېرلىندا ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەپ، «ياۋرونىڭ مۇقىملىقى پەقەت ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە گېرمانىيەنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىمىزگە، خىزمەت ئورنىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ» دېگەن. مېركىل سۆزىدە تەكىتلەپ:«ياۋروپا باي بولسا، گېرمانىيە بايلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، گېرمانىيە چوقۇم ئۇلار بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ياۋروپادىكى 500 مىليون نوپۇستا ئوخشاش بىر خىل قىممەت قاراش بار، بۇ خىل ئوخشاشلىق ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ كاپالىتى» دېگەن. مېركىل نۇتقىدا، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك قارا-سېرىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت (خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى)نىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ مۇراجىئەت قىلىپ: «مەن گېرمانىيە خەلقىنىڭ ماڭا، بۇندىن كېيىنكى تۆت يىلدا داۋاملىق گېرمانىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن» دېگەن.

  مېركىل يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ياۋرو سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلەپ، ياۋروپا قەرز كرىزىسىنىڭ تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قەرز كرىزىسىگە پېتىپ قالغان دۆلەتلەرنى قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. ئەمما، سايلىغۇچىلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، مېركىل خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قەرزىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ گېرمانىيەگە قەرز ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر