باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2013.09.23 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى 19-، 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىدە مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى جەزمەن ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈلگە ئومۇمىيەتنى پۈكۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دىققەت – ئېتىبارنى چوڭ ئىشلارغا قارىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەت قىلىش، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پارتىيەمىزنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىسىلا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماددىي مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشى ياخشى يولغا قويۇلغاندىلا، دۆلەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچى ئاشىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىدە ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك رولى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماركسىزم، كوممۇنىزم ئېتىقادىدىن تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق بولۇش، مۇقىم بولۇش، ئىلھام بېرىشتىن ئېغىشماسلىق، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىدە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم فاڭجېن، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ سۈپەت ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، پۇرسەت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى توغرا ئىگىلەپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى، ياقتۇرۇپ كۆرۈشى، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسى ۋە سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسىدە تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشى، تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كىشىلەرنى ھازىرقى جۇڭگونى، تاشقى دۇنيانى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇشقا يېتەكلەش مۇھىم ۋەزىپە، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىگە قارىتا قەدىمكىنى ھازىرقى ئۈچۈن ئىشلىتىش، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن ئىشلىتىش، شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى ئېلىش، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ، ھەقىقىيسىنى قالدۇرۇشتىن ئېغىشماي، ئىلمىي ئۇسۇلدا شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، مېغىزىنى تاللاپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ يېڭى ئۇقۇملىرى، يېڭى كاتېگورىيەسى ۋە يېڭى بايانلىرىنى تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىشلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى تەشۋىقات تارماقلىرى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، جەزمەن زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولۇشى، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ ئىدىيەۋى تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشتە ئاۋۋال رەھبىرىي كادىرلارنى، رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆگىنىشنى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قايىل بولىدىغان كەسىپ ئەھلىگە ھەقىقىي ئايلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى تەشۋىقات ساھەسىدىكى زور مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ كەڭ تەشۋىق قىلىش خىزمەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سەپ، تارماقلارنى بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ساھەلەرنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشى، ساھە باشقۇرۇشى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر