ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ساقال ـ بۇرۇت لەھۋە تالىشىش مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا يېڭى ئورلېئان شەھىرىدە باشلاندى، بۇ قىزىقارلىق مۇسابىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، 1900-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىغە دۇنيادىكى سانسىزلىغان «كېلىشكەن ساقال ـ بۇرۇتلۇق ئەرلەر» قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. «ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 150 نەپەر ئەر يېڭى ئورلېئان شەھىرىگە كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئۇلار ساقال – بۇرۇتنى يۈز قىسمىنىڭ شەكلى، ئىجادكارلىق بولغاندىلا ئاندىن ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدۇ، ـ دەپ قارايدىكەن.