2013-يىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، سۈرەييە، گۈلى ۋە پاشا قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر قىزى، تىنچلىق كېمىسىنىڭ دوختۇرخانا پاراخوتىغا ئەگىشىپ، ئاسىيادىكى سەككىز دۆلەت ۋە ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەسىدە «ئىناقلىق بۇرچى-2013» ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا يۈرۈپ كەتتى. بۇ ئۇيغۇر قىز ماتروسلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىزغا يۈرۈش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 3 نەپەر «90–يىلدىن كېيىنكى» ئۇيغۇر قىزلىرى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىز ماتروسلىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە دېڭىز يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇر قىز ماتروسىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
سۈرەتتە، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىنچلىق كېمىسى برۇنېيدىن مالدىۋېغا يۈرۈپ كېتىۋاتقاندا، تېلېگرافچى سۈرەييە ھەيدەش بۆلمىسىدە.