باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەنگلىيە ئايال شاھىنىڭ توي تورتى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

2013.09.18 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئايال شاھى ئىلزابىت 1947-يىل فىلىپ شاھزادە بىلەن توي قىلغان، پۈتۈن مەملىكەت شادلىققا چۆمگەن، شۇ يىلى تۆت قەۋەتلىك، توققۇز ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتە ئالاھىدە توي تورتى ياساتقان، بەزى مېھمانلار ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئاشۇ بىر كىشىلىك تورتنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلگەن. ھازىر بۇ تورت 1750 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 17 مىڭ يۈەن) غا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان.

  شۇ يىلى تېخى مەلىكە چېغىدا، ئىلزابىت بىلەن فىلىپ توي مۇراسىمىنى بۇكىڭخام ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن، جەمئىي 2000 دەك ئادەم بۇ تويغا قاتناشقان.

  كەڭلىكى 3.5 ديۇم، ئېگىزلىكى 7.5 ديۇم كېلىدىغان بۇ توي تورتىنى ئەسلىدە ئايال شاھ ئەر خوتۇنلار بىر مۇھاپىزەتچىسىگە سوۋغا قىلغان، كېيىن خەير ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن تارتمىدا 15 يىل ساقلانغان، كېيىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىملىغاندا بۇ تورت ئاندىن بايقالغان، 2011-يىل قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئوبدان چۈشىنىدىغان بىر سودىگەر بۇ تورتنى سېتىۋالغان.

  ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ تورت بۇكىڭخام ئوردىسى دېگەن خېتى بار بىر قاپتا ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئۈستىگە 1947-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى دېگەن ۋاقىت يېزىلغان. ھەمدە كرېست كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى ئارقىلىق 1750 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 17 مىڭ يۈەن) غا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان.

  كرېست كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى گېئورگى مۇنداق دېدى، ئايال شاھنىڭ توي تورتى رۇم ھارىقى بىلەن براندى ھارىقىدىن ياسالغان، بۇ دەل بۇ تورتنىڭ 60 يىلغىچە بۇزۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى بۇ تورت قوي تېرىسىدىن ياسالغان قەغەز بىلەن ئورالغان بولۇپ، ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان، «مەن بۇ تورتنى يېيىش تەكلىپى بەرمەيمەن، بىراق ئۇنىڭ ساقلاش قىممىتى ھەقىقەتەن زور».

  بۇندىن باشقا، بۇ توي تورتىنىڭ بىر قەۋىتى بىر يىل ساقلانغاندىن كېيىن، چارس شاھزادە يەۋەتكەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر