باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بو شىلەيگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.09.23 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-سېنتەبىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 22-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىغا 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ۋە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جاراسى بېرىشنى؛ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ۋە شەخسىي مال-مۈلكىدىن بىر مىليون يۈەننى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىشنى؛ خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتىگە 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ۋە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىشنى بېكىتتى.

  جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: بو شىلەي دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، بۇ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ئۇ دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، بۇ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ئۇ دۆلەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە زور زىيان ھالغان، بۇ قىلمىشى خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر. ئەيىبلىگۈچى ئورگان بو شىلەينى 20 مىليون 440 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان، 5 مىليون يۈەنگە خىيانەت قىلغان ۋە خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىك پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار چىن ۋە تولۇق، ھەقىقەتەن جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ شىكايەت قىلدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  خو شياۋگۇاڭ، ياڭ ۋېيخەن خەۋىرى

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر