باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

لى ياڭنىڭ ئالدىنقى ئايالىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى، ئايالىنى داشقال دەپ قوپاللىق بىلەن تىللىغان

2013.09.17 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى ياڭ ئائىلە زوراۋانلىقى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسى بۇلتۇر تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا، لى ياڭنىڭ ئالدىنقى ئايالى كىم ئۆزىنىڭ يەنىلا نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزى ۋە بالىلىرى ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆينى سېتىۋېىتىپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. كىم يەنە لى ياڭنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىغان، ئۇچۇردا لى ياڭ ئايالى كىمنى غەزەپ بىلەن ئاچكۆز ئامېرىكىلىق، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنى ۋە سوت مەھكىمىسىنى ئەخمەق قىلدى دېگەن.

  13-سېنتەبىر، كىم كەينى ـ كەينىدىن ئۈچ مىكرو بلوگ تارقىتىپ ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتە دېگۈدەك قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ھازىر ئۈچ قىزى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۆينى قەستەن سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، كىم ئارىدا بىرەر ئىش بولۇۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئادىللىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جۇڭگونىڭ قانۇن ــ تۈزۈمى بىلەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئارىلاشقان بولساممۇ، جۇڭگونىڭ قانۇن ـ تۈزۈمىنى چۈشىنەلمىدىم. 30-ئاۋغۇست، سوت مەھكىمىسى لى ياڭنىڭ ئۆي ــ زېمىنىنى سېتىۋەتمەكچى بولدى؛ 13-سېنتەبىر، مەن ئۆز ئۆيۈمدىن كۆچۈپ چىقىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم. ئارىدا زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئاشكارىلىق ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتكە كاپالەتلىك قىلالمامدۇ، بىراق مەن سىناق بېقىشىم كېرەك. چۈنكى مېنىڭ لۇغىتىمدە ئەزەلدىن ۋاز كېچىش دېگەن سۆز بولمىغان» دېگەن.

  كىم يەنە لى ياڭنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى، ئۇچۇردا لى ياڭ: «بىز سېنىڭ ئۆيۈڭگە بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرىمىز! سەن تېخى كۆپچىلىكنى، جۇڭگولۇقنى ئالدايمەن دەپ قالغانمۇ!. «سەن ئاچكۆز ئامېرىكىلىق! جۇڭگو تاراتقۇلىرىنى ۋە سوت مەھكىمىسىنى ئەخمەق قىلماقچىمۇ! ساڭا ئوخشاش داشقالنىڭ جۇڭگودا ياشىشىغا يول قويۇۋاتقان جۇڭگولۇقلار بەكلا ئاقكۆڭۈل ئىكەن! دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر