باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا «ئىككىنچى پەسىل»دە جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى

2013.09.22 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى چەتئەل نۇسخىسىنىڭ مۇخبىرى شىن مېڭجې خەۋىرى

  8-ئايدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى توغرا، ئىلمىي سىياسەت بىلەن ئىقتىسادنى ماكرولۇق باشقۇرۇپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ «ئىككىنچى پەسلى»نى كۈتۈۋالدى.

  1. سانلىق مەلۇمات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 7.2پىرسەنت ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن ئايدىكىگە قارىغاندا 2.1 پىرسەنت پوئىنتى ئۆرلىگەن؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 13.4 پىرسەنت نامىي ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا 0.2 پىرسەنت پوئىنت تېز بولغان؛ ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.3 پىرسەنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ 17.9 پىرسەنت ئاشقان. بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  2. ماكرولۇق سىياسەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

  گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شۇبىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەتئۈچ ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇ ئۈچ تەرەپنى «چوقۇم ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ». جۇڭگو نۆۋەتتە يىراقنى كۆزلەپ، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىئىلگىرى سۈرۈشكە بەكرەك كۈچەۋاتىدۇ.

  3. جۇڭگو ئىتقسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھېلىھەم زورمۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزۇن مۇددەت، مۇقىم، سىجىل تەرەقىياتنى ساقلاپ قالالامدۇ–يوق دېگەن مەسىلىگەكۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈمىدۋار قاراۋاتىدۇ. يېقىندا، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ شىنلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى 20 يىلدا 8 پىرسەنتلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تېز ئۆسۈش سۈرئىتىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى زور».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر