باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە تۇنجى تۈسداش كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

2013.09.22 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىدارى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردىن ئون نەچچە ھەسسىدىن يۈز نەچچە ھەسسىگىچە يۇقىرى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-سېنتەبىر شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: ئېلىمىز ئالىملىرى بىئونىكا، بىلىش ئىلمى ۋە زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈسداش ھېسابلاش يېڭى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە دۇنيا بويىچە تۇنجى ئۆزگىرىشچان قۇرۇلمىلىق تۈسداش كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

  21-چېسلا، «يېڭى ئۇقۇملۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك كومپيۇتېر قۇرۇلمىسى ۋە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش» تۈرى شاڭخەيدە دۆلەتنىڭ 86.3 پىلان تۈرى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، تۈسداش كومپيۇتېرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئادەتتىكى كومپيۇتېرغا قارىغاندا ئون نەچچە ھەسسىدىن يۈز نەچچە ھەسسىگىچە يۇقىرى ئىكەن.

  تۈسداش كومپيۇتېرنى «ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارنىڭ «قۇرۇلمىسىمۇقىم، يۇمشاق دېتال بىلەن پروگرامما تۈزۈلىدۇ»، لېكىن تۈسداش كومپيۇتېرنىڭ قۇرۇلما ھالىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا «قۇرۇلما ئۆزگەرتىش، يۇمشاق- قاتتىق دېتاللار بىلەن ھېسابلاش بىرلەشتۈرۈلىدۇ». ئابونېنتلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈسداش كومپيۇتېرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر