19-سىنتەبىر، مودىل شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىۋاتقان 118.28 كاراتلىق D رەڭلىك ئالماسنىڭ پەرەز باھاسى 220 مىليون شياڭگاڭ يۈەنىدىن 280 مىليون شياڭگاڭ يۈەنىگىچە بولدى. شۇ كۈنى، شياڭگاڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 7-ئۆكتەبىر ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە زۇمرەت تاش زىننەت بۇيۇملىرى 2013-يىللىق كۈزلۈك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىممىتى 900 مىليون شياڭگان يۈەن بولغان 330 دىن ئارتۇق ئۈنچە-مەرۋايىت زىبۇ-زىننەتلىرى سېتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.