ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 14-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تولېدۇ باغچىسى (Toledo Park) دىكى مەلۇم بىر يوغان باش ئىت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ئىتنىڭ بوينىغا باغلانغان زەنجىرنىڭ بەش ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 12.7 سانتىمېتىر) چوڭقۇرلۇققا پېتىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنى چىقىرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئىت مەلۇم بىر لالما ئىتلارنى بېقىۋېلىش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر ئۇنى ئەتىسىلا ئۆلۈپ قالىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىت يەنىلا ھايات قالغان. گەرچە بۇ ئىتنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ، يەنى ئۇنىڭ بوينىغا زەنجىر شۇنچە چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن، بېشى ھەددىدىن زىيادە يوغىناپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىت يەنىلا ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن خىزمەتچىلەرگە قۇيرۇقىنى شىپپاڭشىتىپ رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.