خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيە باغچىسى»نى باھالاش نەتىجىسى 16-سېنتەبىر چىقتى. تورداشلار، ساياھەتچىلەر ۋە گېئولوگىيە باغچىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر قانچە ئايلانمىلىق بېلەت تاشلىشىدىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا تاللاشقا قاتناشتۇرۇلغان 104 گېئولوگىيە باغچىسىدىن 30نى تاللاپ چىقىپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. شىنجاڭ بۇرچىن قاناس كۆلى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى شىنجاڭدىكى تاللىنىپ كىرگەن بىردىنبىر دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى بولۇپ، 28-ئورۇنغا تىزىلدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر