باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىغا 22-سېنتەبىر 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىدۇ

2013.09.22 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن سائەت 16دا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق تورى مىكروبىلوگىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى22-سېنتەبىر سائەت 10دا مەزكۇر مەھكىمىنىڭ 5-سوت كوللېگىيەسىدە جاۋابكار بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، بو شىلەي دېلوسى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت قىلىندى، بەش كۈنگە يېقىن ئاشكارا سوت قىلىش ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13تىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە 1-سوت ئاياغلاشتى.

  جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق شىكايەت قىلىندى: جاۋابكار بو شىلەي ئايرىم ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 21 مىليون 790 مىڭ 587 يۈەن پارا ئالغان، سوممىسى ئالاھىدە زور بولغان؛ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بەش مىليون يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلغان، سوممىسى زور بولغان؛ خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە زور زىيان سالغان، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغان؛ شۇڭا پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ھەممە جىنايەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ جازا بېرىش كېرەك.

  ئەيىبلىگۈچى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەيىبنامىدىكى شىكايەت زور مىقداردىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپات ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن ھېسابلىنىدۇ. بو شىلەي ئەيىبنامىدە شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتلار ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، شىكايەتنى ئىنكار قىلدى.سوتتا تەكشۈرۈش ۋە سوت مۇنازىرىسى ئارقىلىق، جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش پىكرىگە ئاساسەن سوتقا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت جىنايى ئىشلار سىياسىتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، جاۋابكارنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغان، ھەم جىنايىتىنى بوينىغا ئالمىغان، ئۇنىڭدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ئىقرار قىلىش، پاش قىلىش ئەھۋاللىرى يوق، قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازالاش شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان، شۇڭا چوقۇم قاتتىق جازالاش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر