- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكىتىمىزدە مائارىپتا ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ
2013.09.11 16:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مەملىكەت دائىرىسىدە مائارىپتا ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. مەخسۇس تەكشۈرۈش 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىپ 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردە مەكتەپكە، يەسلىگە كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىئانە-ياردەم پۇلى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرلاش، شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ۋاقىتلىق ئورۇندا ئوقۇش ھەققى ۋە ياردەم پۇلى ئېلىش، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇش نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش، ئالىي مەكتەپلەر ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېلىش، باس-باس كەسىپ، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى نامىدا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ئىختىيارىي بولۇش ۋە پايدا ئالماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھالدا مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. (جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر