- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جاڭ شياۋگاڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
2013.09.22 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر موسكۋا ۋە بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 20-چېسلا، رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ 36-قېتىملىق يىغىنىدا، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن جۇڭگو ئۆلچەملەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا پولات-تۆمۈر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شياۋگاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ 1947-يىلى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگولۇقنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. (شيې ياخۇڭ، زۇ يا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر