باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلارنى جەم قىلىش پائالىيىتىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.09.22 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى 21-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسلىدە كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن شىمال بىلەن جەنۇبتىكى ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلارنى كۆرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنى كېچىكتۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپنىڭ كۇمگانسان ساياھىتىنى قايتىدىن باشلاش سۆھبىتىمۇ كېچىكتۈرۈلدى.

  شۇ كۈنى كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ شىمال بىلەن جەنۇبتىكى ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلارنى جەم قىلىش پائالىيىتىگە يەنە تۆت كۈن ۋاقىت قالغاندا ئۆز ئالدىغا پائالىيەتنى كېچىكتۈرۈشنى جاكارلىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق.

  بۇ يىل 23-ئاۋغۇست، چاۋشيەن بىلەن كورىيە 25-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە كۇمگانساڭدا جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلارنى جەم قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى كېڭىشىپ بېكىتكەن ئىدى. بۇ پائالىيەتكە ئىككى تەرەپتىن 100 كىشى قاتنىشاتتى. ئەگەر بۇ قېتىمقى جەم بولۇش پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئايرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ 2010-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن تۇنجى قېتىم جەم بولۇشى بولۇپ ھېسابلىناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر