باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورلۇقنىڭ ئافرىقىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك(1)

2013.09.23 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نايروبى مال سېتىۋېلىش مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدە، ئاز دېگەندە 59 ئادەم قازا قىلدى، 200 چە ئادەم يارىلاندى، قازا قىلغۇچىلار ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرىمۇ بار، ھۇجۇم قىلغۇچىلار بازا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا جاكارلىغان سومالى ياشلار پارتىيەسى يەنى ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى.

  بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى-كېنىيەنىڭ «شەرقىي ئافرىقا مەرۋايىتى» دېگەن شەرەپلىك نامىغا داغ تەگكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇندىن بۇرۇن، غەربىي ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى. 2011-يىلى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدا داۋالغۇش بولغان، بولۇپمۇ لىۋىيە توقۇنۇشى سىياسىي بوشلۇق ۋە قورال ئەتكەسچىلىكىنى پەيدا قىلغاندىن بۇيان، ئەسەبىي ۋە تېررورلۇق كۈچلىرى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىغا سىڭىپ كىرىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، غەربىي ئافرىقىغا كەلگۈلۈك ھەممىدىن بۇرۇن كەلدى. بۇلتۇر 3-ئايدا مالىدا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسلام مەغرىب تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق كۈچلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مالىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىننى بېسىۋالدى. بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، نىگېر بىلەن نىگېرىيە ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مالىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تاشقى تەسىرىگە ئۇچرىدى. نىگېرىيە بوكو مۇقەددەس زېمىن تەشكىلاتىنىڭ زورىيىشى بازا تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر